باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم |ئۇچۇر |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       2169 
  •    ئىنكاس 
       7 

365-كىچە (ھېكايە) يۇلغۇن

قەۋەت ئاتلاش
yulgun

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.19

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   532 

 نادىرلانغان تېمىسى:   48 

 مۇنبەر پۇلى:   32114 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2789 (قېتم)
 تۆھپە:   2610  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 22762
 سائەت
دەرىجىسى:
22762 سائەت 8 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-07
ئاخــىرقىسى:2014-07-25
— بۇ يازما bayawan تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-04-30) —

  +)J;4B  
365-كېچە yzH(\ x  
(ھېكايە) %?sPKOh3N}  
 365 -كېچە.تۈن يېرىمى.ھەممە ئېغىر ئۇيقۇدا.ئەتراپنى بىر خىل سۈرلۈك جىمجىتلىق قاپلىغان.سەن تۈرلۈك مىۋىلەر مەي باغلاپ پىشقان گۈزەل باغنى ئارلاۋېتىپ، توساتتىنلا بىر ھالقىسىمان تاغنىڭ ئارىسىغا كىرىپ قالدىڭ.ھالقاسىمان تاغلار ئىچىدە ھالقاسىمان تاغلار.ھالقاسىمان تاغلار داۋاملىق كىچىكلەيتى.ئاتراپ قازاننى دۇم كۆمتۈرۈپ قويغاندەك قاراڭغۇ.پۈتۈن تېنىڭ قورقۇنچ ئىچىدە دىرىلدەپ تىترەيتى.يۈرۈكىڭنى ۋەھىمە چىرمىۋالدى.سەن بۇ ھالقىسىمان تاغنىڭ ئارىسىغا قانداق كىرىپ قالدىڭ ،قانداق چىقىپ كېتىسەن شۇنچە قىلىپمۇ بىلەلمىدىڭ.ماڭدىڭ،ماڭدىڭ چىقىپ كېتەلمىدىڭ.توختىماي مېڭىۋاتىسەن.ئەتراپىڭغا ئۇمىد بىلەن قارايتىڭ،كۆزلىرىڭگە ھىچنىمە كۆرۈنمەيتى.لېكىن قۇلاقلىرىڭغا ھەر خىل قورقۇنچلۇق ئاۋازلار ئاڭلىناتتى.سەن بۇ ئاۋازلارنىڭ قاياقتىن كېلىۋاتقانلىقىنى، نىمىنىڭ ئاۋازى ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيتىڭ. بىردىنلا  تۇيۇقسىز پەيدا بولغان،كۆزلىرىدىن رەزىللىك،شۇملۇق،ۋەھشىلىك يېغىپ تۇرغان بىر توپ ئېچىرقاپ كەتكەن تۈلكە،چىلبۆرە،شىر،يولۋاس...لار ساڭا قاراپ تاشلاندى-دە،ئۇدۇل كەلگەن يەرلىرىڭنى چىشلەپ تارتىشقا باشلىدى.ئۇلار بىر-بىرىدىن سېنى قىزغىنىشىپ يالاماپ-يالماپ يىيىشمەكتە؛سۆڭەكلىرىنىڭ مەزە قىلىپ كوسۇلدىتىپ چايناشماقتا،بۇلارنى ئاز دېگەندەك بىر توپ يەتتە باشلىق يالماۋۇز ساڭا قاراپ ئېتىلىپ كەلمەكتە... %2q0lFdcM  
z*oe ho  
-ئادەم بارمۇ؟مېنى قۇتقۇزۇڭلار!...-سېنىڭ ئەنسىز ۋاقىرىغان ئاۋازىڭ بىلەن تەڭلا ھوجراڭ ئىچىدىن گۈلدۈرتاراق ئاۋازى ئاڭلاندى. T<a/GE/  
D(X:dB50@  
-ۋايجان،ۋاي ئانا!...-سەن سوغاق تىترەكتە خۇدۇڭنى بىلمەي، ئۆپكەڭ،ئىچ-باغرىڭ تىتىلىپ كەتكۈدەك قەھرىڭ بىلەن ۋاقىرىغىنىڭچە كارۋاتتىن پەسكە گۈپلا يىقىلىپ چۈشتىڭ.سېنىڭ ئەنسىز ئاۋازىڭدىن چۇچۇپ ئويغۇنۇپ كەتكەن ئۇكاڭ ئۆڭ-سولى يوق يۈگۈرگىنىچە ھوجراڭغا كىرىدى،كىردى-دە: 59R%g .2Y  
hD*83_S  
-ساڭا نىمە بولدى ئاكا؟ روھىڭ تىنىڭدىن چىقىپ كەتكەندەكلا بولۇپ قاپسەنغۇ؟-سەن ئۆڭ-سۆلى ئۆچكەن ھالدا يېنىڭغا يۈگۈرۈپ كىرگەن ئىنىڭنىڭ  كۆزلىرىگە قارىدىڭ.ئۇ كۆزلەردىكى ئەنسىرەش،مۇھەببەت تىنىڭنى شۇررىدە ئىرىتىۋەتتى.كۆزلىرىڭگە مۆللىدە ياش كەلدى.بۇرۇن تۈشۈكچىللىرىڭ ئېچىشىپ كەتتى.بەدىنىڭدە پەقەت كۈچ يوق،پۇت-قوللۇرۇڭ لاغىلداپ تىترەيتى.يىلىك-يىلىكلىرىڭدە سانسىزلىغان قارا چۈمۈلىلەر تىنىمسىز قىمىرلاۋاتقاندەك بىر ئازاپلىق تۇيغۇ ساڭا ئارام بەرمەۋاتاتتى،سۆڭەكلىرىڭ ئازاپلىق سىقىرايتى.سېنىڭ بۇنداق ياشاپ كېلىۋاتقىنىڭغا ئۇزاق يىللار بولغانتى. Kb$6a'u7  
|XrGf2P9u  
-قارا بېسىپ قاپتۇ ،كېچىدىن بىرى يامان چۈش كۆردۈم،كۆزۈم يۇمۇلسىلا ئارامچىلىق يوق...-دېدىڭ رايىشىلىق بىلەن.سەن ھەر قېتىم مۇشۇ چۈشنى كۆرگەندە چۈشۈڭنىڭ تەتۈرىسىگە يېنىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىڭ. بۇ قېتىممۇ چۈشۈڭنىڭ تەتۈرىسىگە يېنىشىنى ئاۋالقى قېتىملاردىكىدىنمۇ بەكرەك ئارزۇ قىلىۋاتاتتىڭ.بىر ۋەھىمە،قورقۇنچ ئىچىڭنى مۇشۈك تاتىلىغاندەك تاتىلاۋاتاتتى.تىتلىق ئارامىڭنى بۇزۇپ ،سېنى تولىمۇ پاراكەندە قىلىۋاتاتتى.سەن ئۇزاقتىن بۇيان مۇشۇ چۈشتىن قۇتۇلۇشنىڭ يوللرىنى ئىزدەپمۇ تاپالماۋاتاتتىڭ. N9S?c  
.Ce0yAl~  
-چۈش كۆرگەنگىمۇ بۇنچىلىك بىسەرەمچان بولۇپ كەتكەن بارمۇ،دەيمەن. يامان چۈشتىن قۇتۇلاي دېسەڭ ساۋاپلىق ئىشلارنى كۆپىرەك قىلىغىن.-ئۇكاڭنىڭ بۇ سۆزىگە قاتتىق ئاچچىقىڭ كەلگەن بولسىمۇ ،ئۆزۈڭنى بېسىۋالدىڭ. Y2!P!u+Q  
V\m51H1mqo  
-لېكىن سەن بىلمەيسەن ئۇكام مېنى قىيناپ،بۇزەك قىلىپ كېلىۋاتقان بىرلا چۈش. IW>\\&pJ  
0l'"idra  
- ئۆتكەندىمۇ شۇنداق دېگەنتىڭ،يەنە شۇنداق دەۋاتىسەن.ئېلىشىپ قالماۋاتقانسەن؟. 8mn zxtk  
P3_ &(  
-ماڭا ئىشەن ئۇكام ،مەن خېلى بولدى بىرلا چۈشنى كۆرۈپ بەك ئارامسىزلىنىپ كېتىۋاتىمەن؛ يەنە كېلىپ ئۇ چۈش تولىمۇ قورقۇنچلۇق. ( L 8V)1N  
yyv<MSU8  
-مەنغۇ ساڭا ئىشىنىمەن لېكىن... Y{`hRz`  
,9"A"p*R  
-لېكىن-پىكىننىڭنى قوي ئۇكام.ماڭا ئىشەنگىن. rhH !-`m  
(jtkY_  
- ساڭا ئىشىنىمەن ئاكا .نىمە بولىشىدىن قەتئىنەزەر بۇنداق قايغۇرساڭ بولمايدۇ ئاكا. شۇ تاپتا ساڭا ئورتاقلاشسام بولامدۇ. ZK?:w^Z  
JrJTIUf_  
 -ئاۋارە بولما،مەندىكى بۇ خىل تۇيغۇغا سەن ئورتاقلىشالمايسەن. W:y'a3~  
+]S!pyZ"   
-نىمىشقا؟ EWp'zbWP  
8 huB<^  
-مېنىڭ بېشىمغا كەلگەن بۇ بىسەرەمچانلىق سېنىڭ بېشىڭغا كەلمىسۇن ئۇكام.مېنى بىردەم  ئارامىمدا قويساڭچۇ؟ D]zpG  
EC f $  
-ماقۇل،ئاكا كۆڭلۈڭنى چۈشەندىم. F^}n7h=qk  
]M.)N.T  
ئۇكاڭنىڭ ساڭا قاراپ تۇرغان چاغدىكى تۇرقىغا قاراپ ئىچىڭ سىرىلىپ كەتتى.كۆزلىرىدىكى ئەندىشە،تەشۋىش ئىچىڭگە بىر ئوت سېلىپ قويدى.ئۇكاڭ ساڭا بىر ھازا قاراپ تۇرغاندىن كېيىن ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ قەدەملىرىنى ئېغىر-ئېغىر يۆتكىدى.ئۇنىڭ يېنىڭدىن ئايرىلغۇسى يوقتەك قىلاتتى.ئىشىكتىن چىقىپ كېتىۋاتقان ئۇكاڭنىڭ ئارقىسىدىن چەكسىز قېرىنداشلىق مېھرىڭ بىلەن قاردىڭ.ئىسسىق بىر ھاياجان پۈتۈن تىنىڭگە يامرىدى.تاتلىق بىر تۇيغۇ قەلبىڭگە يېيىلدى. 1`@rAA>h'  
!|;w(/  
سەن ئۇخلاپ قېلىشتىن قورقاتتىڭ چۈنكى كۆزۈڭ يۇمۇلسىلا يەنە ھېلىقى قورقۇنچلۇق چۈشنى كۆرەتتىڭ.شۇڭا سەن ئۇخلاپ قالماسلىققا بەل باغلىغانتىڭ.ئەمما قېرىشقانداق ئۇيقۇ لەشكەرلىرىنى باستۇرۇپ كېلىپ ساڭا ئارام بەرمەۋاتاتتى.سەن خۇشال چاغلارنى ئەسلەش ئارقىلىق ئۇخلىماسلىققا تىرىشىۋاتاتتىڭ.ھەر قېتىم شۇنداق قىلاتتىڭ.سەن قوشناڭنىڭ قىزى ئايبۇلاققا كۈيۈپ-پىشىپ يۈرگەن كۈنلىرىڭنى ئەسلىمەكچى بولدۇڭ.ئۇ چاغلاردا سەن بۇلاق بويىدىن كەلمەيتىڭ.ئاي بۇلاققمۇ سۇ ئەكىرىشنى باھانە قىلىپ،سەن بىلەن كۆرۈشكىنى بۇلاق بويىغا چىقاتتى.سىللەر قانماستىن  ئۇزاقتىن ئۇزاق مۇڭدىشاتتىڭلار.بەزىللىرى كەچ بولۇپ كەتكىنىنىمۇ بىلمەي خاپىلىققىمۇ قالاتتىڭلار تېخى.ئايبۇلاقنىڭ قاپىقى يامان ئاكىسى چىقىپ سىللەرنى قورقۇتۇپ ،جېنىڭلارنى ئېلىپ جاڭگالدا قوياتتى. n$YCIW )0  
& wG3RR|  
-مېنى ياخشى كۆرەمسەن؟ aShZdeC*f  
"Gm:M  
-ياق. wfc[B;K\  
fl18x;^I  
- نىمىشقا؟ L7qlvS Q  
bU i@4S  
-سىز مايمۇندەكلا سەت-ئايبۇلاق شۇنداق دەپلا پىخىلداپ كۈلۈپ كەتتى،سەن ئۇنىڭ قولىدىن كاپلا تۇتۇپ ئۆزۈڭگە قاراتتىڭ.چوغدەك بىر تۇيغۇ پۈتۈن بەدىنىڭگە يامرىدى.يۈرىكىڭ گۈرۈلدەپ كۆيۈشكە باشلىدى.سەن ئۇلۇغ بىر ئوت ئىچىدە لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتاتتىڭ. v^_<K4N`  
QU{\ClW/?  
-نىمە دېدىڭ؟يەنە بىر دېگىنە ، مېنى ياخشى كۆرەمسەن،كۆرمەمسەن؟ k^PqB+P!  
<AB.`["  
-ئۆزەمنىڭ ئىشى.ياخشى كۆرەمدىم،كۆرمەمدىم،ئۆزەمنىڭ ئىشى.قويۇپ بىرىڭ قولۇمنى،نامەرەم بولىدۇ،ھەق ئىگىمىزنىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولۇپ قالىمىز. NR )[,b\v  
?ixzlDto\  
-نىمە بولسا مەيلى قويۇپ بەرمەيمەن. IJnr^S8  
)>LC*_v  
-مۇنداق دىمەڭ ئىمىندىن ئاجراپ كېتىسىز uhLg2G^h  
g/q$;cB  
-نىمىشقا؟ 'g a1SbA]  
t747SZWgB  
-ھەققەقە بويسۇنمىغاندىكىنچۇ؟ ZtEHP`Iin  
}# -N7=h  
-كىم ھەققە بويسۇنماپتۇ؟- سەن شۇنداق دەپلا ئايبۇلاقنى مەھكەم قۇچاقلاپ،لەۋلىرىگە ئەسەبىيلەرچە سۆيۈشكە باشلىدىڭ... g-%uw[pf  
\ Rp)n=|  
-ساراڭ بولىدىڭىزمۇ قويۇپ بىرىڭ،سەتلەشمەي،سىز قورقىمىغان بىلەن مەن نامەرەمدىن قورقۇمەن،گۇناھتىن قورقىمەن،اللاھتىن ېخىمۇ قورقىمەن... r\[HR ^`  
"MXd!  
-سەن بەرىبىر مېنىڭغۇ؟ SAG) vmm  
2.& v{gq  
-تېخى بىز نىكاھ ئوقۇتمىدۇق. U)p2PTfB  
XpH[SRUx  
-ئوقۇتىمىزغۇ ئاخىر. @-b}iP<T  
^s5.jlZr@  
-تولا بىزەڭلىك قىلماڭ ،ھارامدىن قورقۇڭ... \\)-[4uC  
$;;?'!%.  
دېكابىرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كېچىسى.365-كېچە.سەن قورقۇنچلۇق چۈش كۆرۈپ ئويغۇنۇپ كەتتىڭ. سەن بۇ ئاخىرقى كېچىنى بوران ئۇچۇپ تۇرىدىغان ھوجراڭدا چەكسىز قايغۇ-ھەسرەت ئىچىدە پات-پات ئېغىر ئۇھ تارتىپ،ئۇلىغا كىچىك تىنىپ ئۆتكۈزىۋاتىسەن. تاڭ ئېتىشقا يەنە ئۇزاق ۋاقىت بار ئىدى.ناھيىتى ئۇزاق ۋاقىت... سەن يەنە ئۇخلاپ قېلىشتىن بەكمۇ قورقۇۋاتاتتىڭ.كۆزۈڭ يۇمۇلسىلا ھېلىق قورقۇنچلۇق چۈش يەنە تەكرارلىناتتى-دە،سەن قىينىلىشقا باشلايتىڭ. C#I),LE|d{  
Wt3\&.n  
سەن 365-كېچىنىڭ بىرىنچى كېچىسى كۆرگەن قورقۇنچلۇق چۈشنى 365-كېچە تەكرار كۆردىڭ.ئارلىقتىكى تالاي كېچىلەرمۇ بۇ چۈشنى كۆرۈپ،چۇچۇپ ئويغۇنىپ كېتىپ، ئۇزاققىچە ئۇخلىيالماي قىينالغانتىڭ.‹‹توۋا بىر چۈشنىمۇ قايتا-قايتا كۆرىدىكىنە؟تۇرسۇننىڭ‹ 20 يىلدىن بۇيان بىر چۈشنى كۆرىمەن.چۈشۈمدە مەھلىمىزدىكى مەسچىتنىڭ ھويلىسىدىكى يوغان بىر تۇپ توغراق ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ.بۇ چۈشنى كۆرگەندە بۇ يەردىكى پىشقەدەملەرنىڭ بىرىسى ئالەمدىن ئۆتىدۇ...›دېگەنلىرى راستمۇ نىمە؟مەن ئۇنى ئاغزىغا كەلگەننى بىلجىرلاۋاتىدۇ دەپ زاڭلىق قىپتىمەن ،مىڭىسىنىڭ بىرەر ۋىنتىسىدىن  چاتاق چىققان چېغى بۇ ئاداشنىڭ دەپتىمەن تېخى.مانا مەنمۇ بىر چۈشنى قايتىلاپ كۆرىدىغان بولۇپ قالدىمغۇ ئەمدى.بۇ قانداق بولغىنى ،بىرلا چۈشنى شۇنداقمۇ تەكرار-تەكرار كۆرگەن بارمۇ دەيمەن؟...››ساڭا بىر ئارامسىزلىق ئارام بەرمەيتى.ئىچىڭ سىقىلاتتى.بىر پاراكەندىچىلىك ئىچىدە ياشاۋاتقاندەك بىئارام بولاتتىڭ. كۆزۈڭدە ياش،تىنىڭ تىترىمەكتە. كۆڭلۈڭ تولىمۇ يېرىم،دىلخەستىلىك قەلبىڭنى مۇجىقلاپ ھىچ ئارام بەرمەيتى. ئويلايتىڭ،ئويلىغانسىرى ئويلىرىڭ بىر-بىرىدىن چىگىشلىشىپ كېتەتتى.سەن ھەر كۈنى بىر ۋەھىمە،قورقۇنچ ئىچىدە  ياشايتىڭ.كۈنلىرىڭ تەشۋىش ئىچىدە ئۆتەتتى.سېنىڭ بىرلا چۈشنى تەكرار كۆرۈش بىلەن يەنە بىرلا خىيالنى تاكرار-تەكرار خىيال قىلىپ كېلىۋاتقىنىڭغىمۇ ئۇزاق بولغانتى.خىياللىرىڭ شۇنچە مال-ماتاڭ،چۇۋالچاق.ئادەم ئەلەيھىسسالام،مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام،شەيتان،ئابدۇقادىر دەموللا،مەمىتىلى ئەپەندى،مەمىتىمىن ئاق كىرپىك،لۇتپۇللا مۇتەللىپ،ھېكىم نۇر،تۆمۈر غەلپە،لى شى پۇ،ئابدۇغوپۇر دەموللاھاجى(شاپتۇل دەمۇللاھاجى)...قاتارلىق بىر-بىرىدىن ئۇلۇغ زادلار،بىر-بىرىدىن پەسكەش مەلئۇنلار... پات-پات خىيالىڭنى پات-پاراق قېلىپ،ساڭا ئاراملىق بەرمەيتى.قەلبىڭدە مۇھەببەت-نەپرەت پورۇقلاپ قاينايتى.سەن ھاياجان،ئۆكۈنىش،غەزەپ ئىچىدە تولغۇناتتىڭ.بۇرخۇتۇم بولاتتىڭ.لەۋلىرىڭنى چىڭ چىشلەپ،غەزەپ-نەپرەت،ئۆچمەنلىك بىلەن مۇشتۇمۇللىرىڭنى تۈگەتتىڭ. سېنىڭ بۇنداق بۇرخۇتۇملۇق ئىچىدە ھەسرەت چىكىپ،ئاھ ئۇرۇپ ياشاپ كېلىۋاتقىنىڭغا خېلى يىللار بولغانتى. كۈنلىرىڭ تاش چىشلىگەندەك ئۆتىۋاتاتتى. يالغان –ياۋىداقلار يۈرىكىڭنى مۇجىيتى.يالغان ۋەدىلەر يۈرەك ياراڭنى تاتىلايتى. ئالدامچىلىقلاردىن، پەسكەشلىكلەردىن،بوزەك قىلىنىشلاردىن ئەمدىلا قېتىشىشقا باشلىغان يۈرىكىڭدىكى جاراھەت يانا قاناپ كەتكەنتى. ‹‹ بۇنداق جازالانغۇدەك مەن خۇدانىڭ ئالدىدا قانداق گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولغىتىم؟..خۇدا بەندىللىرىگە مۇشكۈللچىلىكنى خالىمايدۇ،راۋا كۆرمەيدۇ.ئەمما ئۆزۈمدىن،ئۆزۈمىزدەن ئۆتتى...››سەن پات-پات ئۆز-ئۆزۈڭگە شۇنداق شىۋىرلاپ قوياتتىڭ. ao-C9|2>NU  
5h> gz  
قاياقتىندۇر تۇيۇقسىز پەيدا بولغان،كۆزلىرىدىن رەزىللىك،شۇملۇق،ۋەھشىلىك يېغىپ تۇرغان بىر توپ ئېچىرقاپ كەتكەن تۈلكە،چىلبۆرە، قاۋان...لار ساڭا قاراپ تاشلاندى. سەن قېچىۋاتىسەن. ئۇلار سېنى تاپ باستۇرۇپ قوغلىماقتا...سەن بار كۈچۇڭ بىلەن قېچىۋاتىسەن...ئۇلار بار كۈچى بىلەن قوغلىماقتا...ئارلىق يېقىنلاشماقتا... ئۇلار ئاخىرى ساڭا يىتىشىۋالدى-دە،ئۇدۇل كەلگەن يەرلىرىڭنى چىشلەپ تارتىشقا باشلىدى.سەن شۇ تاپتا سۇلايمان قالپىقى(1) بولسا كېيىۋېلىپ، بۇ مەلئۇنلارنىڭ تالان –تاراج قىلىشىدىن قۇتۇلماقچى بولدۇڭ،ئەپسۇس مىڭ ئەپسۇس سەندە بۇ قالپاق نىمىش قىلسۇن؟! ئۇلار سېنڭ نالە-زارىڭغا،دەرد-پەريادىڭغا پىسەنت قىلماي سېنى بىر-بىرىدىن قىزغىنىشىپ يالاماپ-يالماپ،ماچىلدىتىپ چايناپ، بەس-بەس بىلەن يىيىشمەكتە؛سۆڭەكلىرىنىڭنى مەزە قىلىپ كوسۇلدىتىپ چايناشماقتا،بۇلارنى ئاز دېگەندەك بىر توپ يەتتە باشلىق يالماۋۇز ساڭا قاراپ شىددەت بىلەن ئېتىلىپ كەلمەكتە... _ _)Z Q  
e8lF$[i  
-ئادەم بارمۇ؟... مېنى قۇتۇلدۇرىۋېلىڭلار!...ماڭا ئىچىڭلار ئاغرىسۇن...مېنى قۇتۇلدۇرىۋېلىڭلار!!!... 4_"ZSVq]#  
z{n=G  
دېكابىرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كېچىسى.365-كېچە.سەن يەنە قورقۇنچلۇق چۈش كۆرۈپ ئويغۇنۇپ كەتكەنتىڭ.تاڭ ئېتىشقا يەنە ئۇزاق ۋاقىت بار ئىدى.ناھيىتى ئۇزاق ۋاقىت... Ti)n(G9$  
lT:<ZQyjT  
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ gvU6p[D  
uVO9r-O8p  
(1)سۇلايمان قالپىقى ـــــ رىۋايەتلەردىكى كېيىۋالسا ئادەمنى غايىپ قىلىۋىتىدىغان قالپاق. u3ZG;ykM  
3|?fGT;P  
  /.?\P#9)  
[ بۇ يازمىنىyulgunدە2011-05-04 09:07قايتا تەھرىرلىد ]

altunboxuk

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4011

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   232 

 نادىرلانغان تېمىسى:   11 

 مۇنبەر پۇلى:   12600 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1193 (قېتم)
 تۆھپە:   1162  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3659
 سائەت
دەرىجىسى:
3659 سائەت 111 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-21
ئاخــىرقىسى:2014-05-11
ئاپتورنىڭلا تۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2011-05-02

بەك ياخشى يېزىلىپتۇ. چۈش تەسىراتلىرڭىز بەكمۇ مولكەن.   mTfMuPPs[  
چۈش، خىيال ئارقىلىق پىسخىك روھى ھالەت، ئەسەر باش تېمىسى يارقىن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. v~\45eEA  
سىزدىن سەمىمىيلىك بىلەن سوراپ باقسام، 365-كېچە نېمىنى بىلدۈرىدۇ.
gulkalam
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4747

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   190 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5254 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   523 (قېتم)
 تۆھپە:   512  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2795
 سائەت
دەرىجىسى:
2795 سائەت 195 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-20
ئاخــىرقىسى:2014-07-01
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-05-03

سىز ناھايىتى ياخشى بىر ھىكايىنى يېزىپسىز .ئەمما مەن سىزنىڭ نىمىنى يورۇتۇپ بەمەكچى ئىكەنلىگىڭىزنى بىلەممىدىم ئاققا خۇمار بولغۇچىمۇ؟ ياكى مەشۇقىنى تاشلىۋەتكەن ۋاپاسىزمۇ؟
arman

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3881

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1228 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   34528 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   3537 (قېتم)
 تۆھپە:   3385  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 15487
 سائەت
دەرىجىسى:
15487 سائەت 463 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-16
ئاخــىرقىسى:2014-07-21
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-05-03

ئېسىل يازما ئىكەن،قەلەم تۇلپارى ھارمىغاي. v t^r1j  
بىراق : پەيغەمبەر ۋە باشقا دىننىي زاتلارنىڭ ئىسمىنى،نامىنى يازغاندا ئىملا خاتالىقىغا دىققەت قىلغايسىز.
ئۇۋا بۇزغاننىڭ ئۇۋىسى بولارمۇ ؟
pak~kalip
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2868

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   415 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5464 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   549 (قېتم)
 تۆھپە:   461  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3784
 سائەت
دەرىجىسى:
3784 سائەت 266 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-03
ئاخــىرقىسى:2012-01-23
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-05-10

ئوقۇپ ئىچكىرلەپ كىتىپتىمەن ،ھىكايىدىكى چىل-بۆرىلەر زۇلۇم قىلغۇچلارغا قارتىلغانمۇ؟ kJ/+IGV^v  
ئەسەرنىڭ ماۋزۇسى سان-سىپىرلىق كەلسە سىرلىق تۇيغۇ بىردىكەن. <MRC%!.  
مىڭبىر كىچە،365-كىچە دىگەندەك.
ئەخلاق ئادەم زىننىتى
sadakat
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1853

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   232 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8731 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   720 (قېتم)
 تۆھپە:   684  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4459
 سائەت
دەرىجىسى:
4459 سائەت 181 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-05
ئاخــىرقىسى:2013-04-29
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-07-17

بەك ياخشى يېزلىپ تۇ
ساداقەت
گۈلنازى

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.913

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   624 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   27893 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2543 (قېتم)
 تۆھپە:   2514  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1491
 سائەت
دەرىجىسى:
1491 سائەت 29 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-16
ئاخــىرقىسى:2013-04-04
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-08-18

ۋەقەلىك ياخشى يىزىلىپتۇ  ،لىكىن نىمىنى يورۇتماقچى ، نىمىشقا شۇنداق قارا باسىدۇ ؟
مەن !دىمە كىبىرلىكىڭ چىكىگە يەتمىسۇن.پىقىر كۆڭۈل بول.
nazela

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7213

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   167 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8955 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   895 (قېتم)
 تۆھپە:   896  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 726
 سائەت
دەرىجىسى:
726 سائەت 44 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-11-10
ئاخــىرقىسى:2012-06-22
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-11-22

سىز زادى نىمنى يوروتۇپ بەrمەكچى ئەجەپ چۇشەنمىدىمغۇ
[ تېما nazela تەرپىدىن 2011-11-22 16:20 دە قايتا تە ]

ئارزۇ باشقا ، تەقدىر باشقا .
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى